-
ئالدىمدىكى گۈل...
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ئالدىمدىكى گۈل...
ئىچىمدىكى ئاتمىغان تاڭغايۇلتۇزلىرىڭنى باشلاپ كىر
مەن سېنى كۈتىمەن قاراڭغۇلۇقتا...
-
ھاياتنوپۇس مۇھەممەت
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ھاياتنوپۇس مۇھەممەت
روھتىن پۈتكەن پەلەمپەي
ھاياتنوپۇس مۇھەممەت
ئۆرلىمەكتە پەيدىن-پەي
ھاياتنوپۇس مۇھەممەت
تېنىم قەدەھ،جېنىم مەي
ھاياتنوپۇس مۇھەممەت
-
سەندىن ئايرىلماقچىمەن...
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى سەندىن ئايرىلماقچىمەن...
قولۇمدىن ئايرىلدىم
كۆردۈڭمۇ ئېرىقىڭقا يېتىپ بارغان قاننى؟
كۆردۈڭمۇ قاندىن ئۈنگەن سۆزنى قارا-قارا؟
-
يېنىپ تۇرغان سېنىڭ ئاۋازىڭ
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى يېنىپ تۇرغان سېنىڭ ئاۋازىڭ
تۈننىڭ ناخشىسى سەھەرلىرىمدىن ساقىيدۇ
ھېكايەمنى باشلايمەن پەرىشان
سۆزلەيمەن ئۆلۈگۈمنى قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان
تۈننىڭ ناخشىسى سەھەرلىرىمدىن ساقىيدۇھېكايەمنى باشلايمەن پەرىشان
سۆزلەيمەن ئۆلۈگۈمنى قان ئىچىدە سوزۇلۇپ ياتقان
-
ھەمدۇسانا...
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ھەمدۇسانا...
قولۇمنىڭ يوقلۇقىدىن
كۆزۈمنىڭ كورلىقىدىن
تىلىمنىڭ كېسىلگەنلىكىدىن
-
سېنىڭ مەيدەڭدە كۆيۈۋاتقان ئاسمان
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى سېنىڭ مەيدەڭدە كۆيۈۋاتقان ئاسمان
ئالىمجان قاسىمغا
سېنىڭ مەيدەڭدە كۆيۈۋاتقان ئاسماندا
مەن ئېقىۋاتقان يۇلتۇزلىرىم بىلەن يىغلاۋاتقان ۋاقتىمنى ئۇچرىتىمەن
تاغلارنىڭ چوققىلىرى بىلەن بېزەلگەن ھويلاڭنىڭ
بۇلۇتلىرىغا ئەگىشىمەن...
-
دادامنىڭ روھى:بالام،يۇسۇپ بولمىساڭ كىمسەن؟!...
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى دادامنىڭ روھى:بالام،يۇسۇپ بولمىساڭ كىمسەن؟!...
جۆيلۈۋاتقان چۈشۈمنى تېرىيمەن ئېسىمنىڭ قۇرغاقلىقىغا
ۋە ئاندىن ئۈنگەن ئۈندۈرمىلەرنى پۇرايمەن پەرىشان...
-
مەن يۈسۈپ ئەمەس...
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى مەن يۈسۈپ ئەمەس...
ياتىمەن قۇدۇقتا
يىغلاۋتقان كۈز كىيىمىم
خارابىلەردە ئەسلىنىۋاتقان سۈرىتىم
جىملىقتىن ئېرىپ كېتىۋاتقان شامال ئاۋازىم
قارا بۇلۇت ئۈستىدە تاشقا ئايلانغان يامغۇر پەرۋازىم
-
كەل،ئەي ئادەم!…
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى كەل،ئەي ئادەم!…
ئىككى قولۇمنى كېسىشكە تەييار بولدۇم،كەچتىم روھى مەجرۇھ تەننىڭ ساقلىقىدىن
قىپقىزىل يۈرىكىمنى يوللارغا چېچىپ بولدۇم،سەن ماڭىدىغان يوللارغا
بىھۇدىلىك يامغۇرلىرىنى ئۈستۈمگە تۆكۈۋاتقان بۇلۇتلاردىن كەچتىم
-
مېنىڭ ھېكايەم
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى مېنىڭ ھېكايەم
مېنىڭ ھېكايەم
ئېتىز قىرلىرىدىن باشلىنىدۇ
كېسىلگەن باشاقلارنىڭ رىۋايىتىدەك
-
ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسى
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسى
سەن سىزىساڭ دەريالارنى ئاسمانغا ئاققان
مەن سىزىمەن دېڭىزلارنى غەملەرگە پاتقان
سەن سىزىساڭ چىمەنلەرنى گۈللەر ئېچىلغان
مەن سىزىمەن ياپراقلارنى قېنى چېچىلغان
سەن سىزىساڭ ئاسمانلارنى زۇمرەت بېسىلغان
مەن سىزىمەن يۇلتۇزلارنى دارغا ئېسىلغان
-
سېنىڭ قاراڭغۇ كىتابىڭ...
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى سېنىڭ قاراڭغۇ كىتابىڭ...
ۋاراقلايمەن تېنىڭنى ئوقۇش ئۈچۈن
چۈشكۈن يېزىقلارنى سىلايمەن قارىغۇ قوللىرىمدا
ئاۋازىڭنىڭ رەڭدار يالقۇنىدا ئېرىيمەن قاردەك
تۆكۈلىمەن خازان كەبى قۇچاقلىرىڭغا
-
كۈتۈۋاتقان بولساڭ
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى كۈتۈۋاتقان بولساڭ
كۈتۈۋاتقان بولساڭ...
مېنى ئوقۇ سارغايغان بەتلەردىن،مەن ئۆز ھېكايەمگە يۇشۇرۇنغان:
قوللىرى كەتمەن سېپىدا قاپارغان،يۈزى تۇپراقتا ئاقارغان
سايىسى دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغان(چۈمۈلىلەر يەۋاتقان)
ئاۋازى شاماللاردا تۆكۈلىۋاتقان،كۆزلىرى ئويۇلغان دەرەخ قوۋزاقلىرىدا
كۈندۈزى بېشىدىكى يالقۇنلاردا،كېچىلىرى يۇشۇرۇنغان تېنىدىكى قاراڭغۇلۇققا
ئۈچ ئوغلى تۇمانلىق چۈش كۆرۈۋاتقان بۇلۇت راۋاقلىرىدا...
-
ئۈچ ئوغۇل
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ئۈچ ئوغۇل
(داستان)
-
ئۈچ ئوغۇل(2)
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ئۈچ ئوغۇل(2)
(داستان)
-
قىز قەلبىدە ياشىماق...(خەنزۇچە تەرجىمىسى)
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى قىز قەلبىدە ياشىماق
تەرجىمە قىلغۇچى:دېڭىز
生存在姑娘的心
我以前望着月亮
我的墓地是在月亮上,
我以前望着太阳
是我燃烧
那太阳的温热
-
ئۈچىنجى ئوغلۇم
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ئۈچىنجى ئوغلۇم
ئەلمىساقنىڭ بىر دەرياسى بار
چەكسىز ئىچىمگە قۇيۇلىۋاتقان
پۇتۇم سۆيگەن تىكەنلىك يوللار
قېنىم بىلەن بويۇلىۋاتقان
مۇنچىسىدا ھاياتنىڭ بىزلەر
يامغۇر بىلەن يۇيۇنىۋاتقان...
-
چۈشۈمدىكى نۇر چاچقۇچى
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى چۈشۈمدىكى نۇر چاچقۇچى
سەن مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقاندا
تاملاردىن سىرغىغان سۇ مەن ئىدىم
سۆزلىرىڭنىڭ ئارىسىغا
قىستۇرۇلغان گۈل مەن ئىدىم
-
خانئايشەم
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى خانئايشەم
سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن باشلانغان دەريا
مېنىڭ يۈرىكىمدە قۇرۇپ قالىدۇ
مېنىڭ كۆزلىرىمدىن باشلانغان قۇملۇق
سېنىڭ يۈرىكىڭدە سۇغا قانىدۇ...
-
ئۇلار ئاۋۇ ئۆيدە ئۇخلاۋاتىدۇ...
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ئۇلار ئاۋۇ ئۆيدە ئۇخلاۋاتىدۇ...
تۇرمۇش ئاتلىق قۇرۇغان باغدا
قوياشنىڭ تاجى قىزارماقتا
ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىدىن چىقتىم...
-
تەبەسسۇمىڭ روھىم ئۈچۈن يارقىن بىر پۇرسەت
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى تەبەسسۇمىڭ روھىم ئۈچۈن يارقىن بىر پۇرسەت
تېنىم بەلكى ئوت تۇتاشقان چەكسىز ئورمانلىق
ئوت ئىچىدە تېنەپ يۈرگەن كىيىكتۇر روھىم
تەبەسسۇمىڭ ئېلىپ كېلەر يارقىن بىر پۇرسەت
ماھىيەتلىك شەكىلىڭگە يېتىدۇ ئاھىم...
-
كۈندۈز تۇققان ئاي
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى كۈندۈز تۇققان ئاي
بىر توپ ئەما بىز
ھەممە نەرسىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ يۈرگەن
بىر توپ سۆيمىگۈچى بىز
ھەممە نەرسىنى لەۋلىرىمىز بىلەن سۆيۈپ يۈرگەن
-
شەھەرنىڭ سىرتىدا
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى شەھەرنىڭ سىرتىدا
شەھەرنىڭ ئىشىكى
...
-مۇشۇ يەردىن شەھەرگە كىرىمىز!-دېدى
مېنى ئۇزۇن يىللاردىن ئېلىپ كەلگەن
ھېلىقى كىشى -
يالىڭاچلىق
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى يالىڭاچلىق
سەن كىيىۋالغان بۇ يالىڭاچلىق
مېنى كىيىملىرىمدىن خىجىل قىلىدۇ
سەن سۆيۈۋاتقان بۇ يالىڭاچلىق
مېنىڭ لەۋلىرىمنى قان قىلىدۇ
-
2000-يىلىدىكى مەلۇم بىر كۈن
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى 2000-يىلىدىكى مەلۇم بىر كۈن
پىرقىرىماقتا
ۋاقىتنىڭ قۇيۇنى
ئىچىمدىكى باياۋاندا
قىلىچىنى ئوينىتىپ كۈندۈز
پەيدا قىلدى سانسىز جاراھەت
تېنىمدە،تېنىمنىڭ ئەينەكلىرىدە...
-
شائىر
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى شائىر
(1)
چىقتى دەۋىردىن قىسقا بىر ئادەم
مىنىپ خىيالنىڭ توزانلىرىغا...
قاننىڭ ئىسمى ئۆزگەردى ئوتقا
سۆيگۈنىڭ ئىسمى
چېلىندى تەندىن تەننىڭ سىرتىغا
بىر مەست كېلەتتى مۇھەببىتىدە
قولىدا ئۆچۈرۈلگەن مەشئەلنىڭ باش سۆڭىكى
ئەتراپىدا ۋەھىمىلىك قەبرىلەرنىڭ سايىسى
گۈلدۈرلەپ تۇرغان...
-
ئۇچۇۋاتقان بۇلۇت
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ئۇچۇۋاتقان بۇلۇت
(مۇھەممەت خېۋىر ۋاپاتىغا)
ھاياتىڭنىڭ ئۇ تەرىپىدە
نۇر چاچىدۇ بىر توپ بۇلۇتلار
شائىر ئاتالغان بىر توپ ئازغۇچىمىز
يامغۇرنىڭ سۈيىدە يۇيۇنىمىز
ئاسماننىڭ ئۇ تەرىپىگە
پاكلىنىش ئۈچۈن ماڭىمىز ،ماڭىمىز
ئەشۇ يەردە سېنىڭ بۇلۇتۇڭ
نۇر چاچىدۇ،سۇيۇق نۇرلارنى
قوشۇلغاندا بىزنىڭ يارىمىز
-
شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى شېئىر يازغۇم كېلىۋاتىدۇ
ئۇزۇندىن بېرى ئۇچۇپ كېلىۋاتقان قەغەزلەرگە
مەخپى ئۇچرىشىشلارنىڭ يان تەرىپىدىكى
كوچىلاردا سەرگەردان
يۆلىنىپ خام خىيالغا
يۆلىنىپ سايىسىنىڭ نەمخۇش تېنىگە
ياغار يامغۇردا...
-
سۇغا يېزىلغان خەت
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى سۇغا يېزىلغان خەت
سەن ھېلىھەم شۇ ئاسماندىمۇ؟
يىغلاۋاتقان بۇلۇتلىرىڭغا
تەسەللى ناخشىلىرىڭنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسەن؟
مەست يىگىت ياسىغان يوللىرىڭنى
كۆكلەردىن مېڭىپ كېلىۋاتامسەن
ئۆيۈڭنى بۇلۇتتىن ياساپ
يۇلتۇزلارنى چىراق قىلىۋاتامسەن؟
 ... -
بۇ دۇنيادا شۇنداق بىر قىز بار...
يازما تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى
بۇ دۇنيادا شۇنداق بىر قىز بار...
سىزنى سۆيمەيمەن
مېنىڭ تاڭلىرىم گۇمران بولمىسۇن
سىزنى سۆيمەيمەن،سىزنى سۆيمەيمەن!
قەدەملىرىم ئاستىدىكى مۇزدەك پەلەمپەي
ئۇچۇۋاتقان قارلىرى بىلەن
ئايىغىم ئىچىدە ئۆلۈپ قالمىسۇن
كۆزۈم ئاسمىنىدا مېن...

تەپسىلي ئوقۇش
