-
ئالدىمدىكى گۈل...
يازمىلار تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى ئالدىمدىكى گۈل...
ئىچىمدىكى ئاتمىغان تاڭغا
يۇلتۇزلىرىڭنى باشلاپ كىر
مەن سېنى كۈتىمەن قاراڭغۇلۇقتا...
قورقۇنۇشلۇق خىيالدەك ئۇزۇن
كېچىنىڭ چاچلىرىدەك چەكسىز سوزۇلغان
ئۇنتۇلغان ئاۋازنىڭ غۇۋالىقىدەك
سېنىڭ ئەسلىرىڭ ئوتتا يۇيۇلغان
كەل كۆتۈرۈپ ئاۋازلىرىڭنى
مېنىڭ كۆلەڭگەم
قەدەھلەرگە تولدۇرۇلغان!
كەل ماڭا
مەن ماشىنىلار چاقى ئاستىدا
ئېگىز بىنالارنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭلىرىدا
مېڭىۋاتقان شاراپلارنىڭ يىرتىلغان كىيىملىرىدە
يىقىلغان ئاتا سۈپەت تېرەكلەرنىڭ ئۆمىلەشلىرىدە
تېزەككە سانجىلغان گۈللەرنىڭ چاڭقىغان تىللىرىدا
قەبرىلەردىن دەست تۇرغان ئەرۋاھلارنىڭ قىلىچ يېگەن بويۇنلىرىدا
ھايات بىلەن ماماتنىڭ ئېتىشقان ئوقيالىرىنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرىدا
كەل،ئەي
مەن چاڭقىغان زىمىننىڭ يامغۇر تىلىگەن ئالقانلىرىدا
يېرىلغان يۈرەكلەرنىڭ قان تامچىۋاتقان دەملىرىدە
ئېزىلگەن ئىدىيەلەرنىڭ تەندىن تەنگە شىلدىرلاۋاتقان ئېرىقلىرىدا
نۇر ئىسىملىك قاراڭغۇلۇقتا،چېقىلغان ئەينەكلەرنىڭ ئەكسىدە...
بىر ياز چۈش كۆردى
چۈشىدە چۈشىنى سۆزلەپ
ئويغاندى كۈزگىچە
كۈز خىيال سۈرەر
شاراقشىپ تۇرغان زەنجىرلەردىن
مەن خىيال سۈرىمەن
سېنىڭ يېقىملىق ئاۋازىڭدىن
چېھرىڭدىكى سۈزۈك ئاسماندىن
بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغىچە...
كەل،ماڭا،يورۇپ تۇرغان
ھاياتىمدىن ئۆلۈمىمگىچە!..
2011-9-18
收藏到:Del.icio.us










