• قېتىپ قالغان شارقىراتمىلار

    يازمىلار تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى قاينامى،شاقىراتمىلار

    قېتىپ قالغان شارقىراتمىلار

    ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامى

    (1)

    چۈشلىرىڭدە چۈشلىرىمنىڭ ئەڭ ئاداققى پەرۋازلىرى بار

    كىرپىكىڭنىڭ دالاسىدا مېھرىم بىلەن ئېرىۋاتقان قار

    كۆزلىرىڭدە قارا ئورمان شاخلار ئارا تېنىگەن قۇشمەن

    كەچمىشلىرىم نوھ دەۋرىدەتوپان ئارا ئۇنتۇلغان ھېسار

    كەلدى-كەتتى ھېسلار ئىچرە يوقالغان بىر شەمشەرنىڭ ئاھى

    ئۇندا مېنىڭ ھاياجىنىم ئۆلۈم ئالدىدا كۆبجىۋاتقان شار

    قۇم-بۇراننىڭ ناخشىسىغا ئۇسۇل ئوينار بىزنىڭ شەھەرلەر

    رەستىلەردە تىلەمچىلىك قىلار كۈندۈز كۆزى كور باھار

    ئويغانغىنىم يات ئايالنىڭ شامال ئۇچقان قارا تۆشىكى

    يۈرىكىمنىڭ قېنى ئارا ياش تۆكمەكتە تۇنجى سۆيگەن يار...

    كېچە ئۆلگەن دەرەخلەرنىڭ سۆڭىكىدە ئاپئاق نۇر-زىيا

    تىلىم گويا غىلاپ ئىچرە پىچاق بىلەن ھەمسۆھبەت دىلدار

    ئىچىم دېڭىز ئۇنداتۈمەن غەليان بىلەن ياشار قاينامى

    ئەمما مېنىڭ ئاۋازىمدا قېتىپ قالغان شاقىراتمىلار...

    2009-12-15

    (2)

    مەن بىر ئوتنىڭ ئىچىدە،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ

    گۈلۈڭ گۈلزار ئىچىدە،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ...

    تاغ ئىدىڭ تاغلاردىن ئېگىز،دەريا ئىدىڭ نىلدەك ئەزىم

    مەن ساندۇقتا غېرىپ مۇسا...سەن ئون يەتتە  ياش ئىدىڭ

    قارلار ئۇچار ئىزلىرىمدىن،يامغۇر ياغار سۆزلىرىمدىن

    شامال ئۇچار كۆزلىرىمدىن،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ

    نىگاھىڭدىن يەتتى ئوقلار،بىھۇش بولدى غېرىپ روھلار

    نىداھىمدا كۆيگەن چوغلار،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ

    كۈندۈز كەتتى قارايدى قاش،غايىپ بولدى ئول يادا تاش

    مەن قېرىدىم ئون يەتتە ياش،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ

    چاچتىم تاشقا تىلەكلىرىمنى،كۈنگە ياقتىم سۆڭەكلىرىمنى

    ئاچتىم دارغا ئېتەكلىرىمنى،سەن ئون يەتتە ياش ئىدىڭ!...=

    2009.12.25

     

     

    (3)

    قانداق ئۇنتۇي نۇرغا تولغان كۆزلىرىڭدەك ئەشۇ سەھەرنى

    توزۇۋاتقان ھېسلىرىمنىڭ سۇنۇقلىرى بىتكەن قەدىم شەھەرنى

    تەقدىر ماڭا ئەۋەتىپ سېنى، قالدۇرغان بىر قەدەم ئارىلىق

    مەن ئىچىمەن شۇندىن بۇيان مەۋھۇم لېۋىڭ جاملىرىدىن زەھەرنى

    تەنھا ئاينىڭ ھۇجرىسىدا قەلەم تۇتقان قوللىرىمنىڭ قارىدىغان سۆڭەكلىرى

    كۆرگەنمىدىڭ ئەللەر ئارا مەندەك ئۆزدە سەرسان بىر ئەرنى

    قەدەملەرسىز كېلىۋاتقان ۋاقىت ھارۋىسىدا مېنىڭ جەسىدىم

    قەبرەم بىر تال گۈل ئىچىدە كۈتەر سەندەك ماھىبەدەرنى

    ھەر بىر كۈننىڭ قىيامىدا ئىشىكىمنى چېكەر سانسىز غۇۋا چېچەكلەر

    ئوغۇللىرىم ئېچىپ ئىشىك ئېلىپ كىرەر بىر يۇلتۇزدىن ئاققان خەۋەرنى

    ئاسمىنىمنىڭ بۇلۇتلىرى  كېلەر ئۇخلاپ قالغان تۇنجى يازنىڭ شىرىن چۈشىدە

    كۆز ياشلىرىم يۇيار يامغۇر بولۇپ ئەسلىمىلەر قارا چەككەن ئانا يەرنى

    ئاۋازىڭنىڭ ئەكىس ساداسىنى شورايمەن  مەغرۇرلىقىڭ چوققىلىرىدا

    ۋە ئاندىن قايتىمەن ئىچىمدىكى ئادەمگە دەسسەپ يوللاردىكى قان بىلەن تەرنى

    2009-12-23

    (4)

    سەن كەلمىسەڭ تاڭنا قۇشلار كەلمەكچى بولغان

    ئاسمىنىمدا يىگانە ئاي تولماقچى بولغان

    سەھەرلەرگە قاراپ ياتقان ئىشىكىمنىڭ كۆزلىرىدە ئوت

    زۆھەل ئۇچۇپ دەرىزەمگە قونماقچى بولغان...

    ئەينەكلەرنىڭ سۇنۇقىدا چۇل-چۇل بولغان مېنىڭ كۆلەڭگەم

    سۆڭىكىمنىڭ توزانلىرى شاماللارنىڭ كۆزلىرىگە تولماقچى بولغان

    يامغۇر كەلسە ئالدىغا يىغلاپ چىقار بوغۇق ئاۋازىم

    سۇسىز دەريا قىرغىقىدا بېلىقلىرىم ئۆلمەكچى بولغان

    لەھزىلەرنىڭ ھەر چاقمىغى روھىمغا ئوت تۇتاشتۇرغان

    ئۆچكەن دەرتلەر قارمىقىغا كىرپىكىمنى ئىلماقچى بولغان...

    2009-12-16

     

    (5)

    كۈن قايرىلدى ئېتەكلىرىڭدە،قايتتىم مەيۈس پەرىشان

    ئاي ئۆيۈڭدە مېھماندۇر،قاراڭغۇدۇر قەلبىمدەك جاھان

    بۇ يۇلتۇزلار سېنىڭدۇر،ئاۋازدىكى جىملىق مېنىڭدۇر

    ئۆيۈمنىڭ سىرتىدا سەرسانمەن ھەر تۈن،ئاچقۇچ ئۇنتۇلغان...

    سۇنۇقمەن،جاراھىتىمنىڭ يۇچۇقلىرىدىن ماراۋاتقان قانمەن

    ھايات مېنى سۆرەر تۈگمەنگە،ھەمراھلىرىم بۇلۇتقا قاچقان

    ئاكىلىرىم ئېلىپ كەلدى مېنى قۇدۇق يېنىغا قار بىلەن

    ئاتامنىڭ قەبرىسىدە چاقماقلار چاققان،يامغۇرلار ياغقان

    مېنى ئۇنتۇدى جاھان مۇئەممالىرى سىرلىق تەرىزدە

    ئېتىكىڭدىن قايرىلغان كۈنمەن خىياللرىم ئۆيۈڭدە مېھمان

    تاملاردىن ساقىيمەن تۇپراقنىڭ مىڭ يىللىق ھەسرىتى كەبى

    رەسىمدىكى گۈلمەن ئالتە كۈندە بەرگى سۇلاشقان

    ئەقلىمنىڭ دەرەخلىرىدە قۇرۇغان ياپراقمەن،ياپراق

    كارۋانمەن ،مەنزىلىم سەندە چۈش كەبى تولغۇنۇۋاتقان ...

    2010-1-6

     

     

    (6)

    سەن نەدە،ئىزلەپ يۈردۈم ئىزىڭنى سۇغا چۈشكەن شولىلاردىن

    ئاۋازىڭنىڭ شەكلىنى سىلىدىم نۇرغا چۆمگەن ھويلىلاردىن

    چېچىڭنىڭ يېيىلغان دولقۇنلىرىدا لەيلەپ يۈرگەن يۇپۇرماقلار

    قالدۇرۇپتۇ قىرغاقلاردا قۇملار سۆيگەن خىياللاردىن

    كەلدىم قايتا شۇ كوچاڭغا ئېرىقىدا قىزىل سۇ ئاققان

    قايتتىم،تىلىم بارماي نۇر سوراشقا مەلئۇن سىياقلاردىن...

    ياغلىقىڭ ئېلىنىپ قالغان تۈن دەرەخلىرى قايرىپ كېلەر شاخلىرىنى

    قاشلىرىڭنى تېرىپ ئالدىم ئۇخلاپ ياتقان قىياقلاردىن

    جەم بولۇپتۇ قەدىمىمدە شېھىت بولغان يەتتە ئاشىق رىۋايىتى

    ئۆلۈم سۈيى ئىچتىم ھەر كۈن كۆزۈڭ سىياق بۇلاقلاردىن

    تېنىم چۆلدۈر...يامغۇر تۆكەر سەن ئولتۇرغان خىيال بۇلۇتۇم

    ئارمان ماڭا چۆچەك سۆزلەر،بۇرۇن-بۇرۇن يىراقلاردىن

    ۋەسلىڭ دېڭىز،تېنىم قولۋاق،ئىسمىم ئۇندا قايناپ يۈرگەن

    ئىستەيمەن قارارگاھىڭنى بۇراندىمۇ ئۆچمەي يانغان چىراقلاردىن...

    2010-1-15

    (7)

    سەن ئاتلىدىڭ رېشاتكىلاردىن...چېقىلدى ئىسمىمنىڭ  جاملىرى

    يىقىلدىڭ،تۇردۇڭ ئاسماندەك،ئۆرۈلدى يىللارنىڭ سۈزۈك تاملىرى

    سىلىدىم يۈزۈڭنى سۈرەتلىرىڭنىڭ كەينىدىكى كىچىك ئۆيۈڭدە

    قاچتى تالاغا ئەسىرلىكنىڭ كىىيملىرىدىن ئەرەنلىكنىڭ ھاياجانلىرى

    ئۇرۇندۇڭ شادىلارغا قاناتلىرىڭ سۇنۇقلىرى قالدى دەرەخ تۈۋىدە

    تېرىپ ئالدىم سېنى،كۆرۈندى ئالدىمدا نادامەتنىڭ باياۋانلىرى

    ئۇچتۇڭ قاناتسىز پەرىلەرنىڭ ماكانىغا غايەڭنىڭ چوققىسىدىكى

    كۈتكەي سېنى شېشىلەردەك سۈزۈك جەننەتنىڭ غىلمانلىرى...

    يۈگۈرەيمەن كەينىڭدىن چۈشۈمنىڭ قىيالىرىدا ھەركۈن ئاخشىمى

    سەھەرلەردە توسار ئالدىمنى ئىككى ئالەم پاسىلىنىڭ مانانلىرى

    ئاينىڭ نۇرىسەن كېچىلىرىمگە سۆزلەۋاتقان ئاپئاق ئاۋازدا

    كۆزلىرىڭدەك يۇلتۇزلاردۇر بۇ جۇدالىقنىڭ مەڭگۈلۈك بايانلىرى...

    2010-1-16

    (8)

    تىلسىمدەك ئاق سايەڭنىڭ كەينىدىكى ئورماندا مەن بار

    ھېلىغىچە ئويغانمىغان چۈشلەرنىڭ كەينىدىكى ئاسماندا مەن بار

    بىزنىڭ سوۋۇپ كەتكەن يازلىرىمىزدا قارايغان يۇپۇرماقلار

    يىلتىزى كۆيۈۋاتقان مېۋىلەر ئېسىلىپ تۇرغان شاخلاردا مەن بار

    سەن كەتتىڭ گىياھلاردىن،ئوتلاردىن ۋە سۇلاردىكى شولىلاردىن

    سېنى سېغىنغان شاماللار ئۇچۇپ ئۆتكەن چاغلاردا مەن بار...

    نادامەت ئوتلىرىدا كۆيۈۋاتقان قۇشمەن قاناتسىز

    قاغىلار ئىشرىتى تۈنلەردە گۈلخان ياققان باغلاردا مەن بار

    مېنى بەزمىلەرگە چىللاپ نازى بىلەن كۆتۈرۈلەر ئاي

    تېنىم تامدۇر،كۆزۈم شامدۇر...غېرىپ تاڭلار ئاتقاندا مەن بار

    خىياللرىمنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئۇزۇن كارىدۇرىدا يانغان چىراقسەن

    ماماتىڭدا ئەشۇ قوياشىم سىرى نىھان پاتقاندا مەن بار

    سۇلغان باھارنىڭ قاخشال قوللىرى يىغىپ كەلدى سۆڭەكلىرىڭنى

    ھاياتىڭنىڭ گۈلى قەلبىمدىن چوڭقۇر قەبرە قازغاندا مەن بار...

    2010-1-17

    (9)

    كېچىلىرىمگە سانجىلىۋاتقان جۇدالىقنىڭ خەنجىرى

    تۈن يېشىلسە ئۈزۈلگەيمۇ بۇ مۇھەببەت زەنجىرى

    يۈتكەن يوقلۇقنىڭ ئىچىدە سەرسان روھىمىز

    ئىشىكنىڭ كەينىدە مۇزلىغان جىسمىمىز شۇندىن بېرى...

    شاراپتۇر مەنىلىرىمىز قەدەھلەردە قېتىپ تۇرغان

    يول باشلىغان تۈنلىرىمىزگە بىر ئەمانىڭ ئەختىرى

    قارىلىقنى ئىزدەپ يۈرەر دالىلاردا ئاپئاق ئادەملەر

    يېنىپ تۇرغان ئاتەش بولغاي ئۇلارنىڭ قايتقان يېرى

    بۇلاق سۆزلىگەن قىسسەنىڭ يېزىقىدا سۇدەك بەلگۈلەر

    ھېچكىشىنىڭ دەردى بىلەن توشقان ئۇنىڭ  دەپتىرى

    2010-1-18

     

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • سەھرا بلوگنىڭ ئۇسلۇبى ئالماشتى، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ھوزۇرىڭىزدا بولغۇسى!!