-
چۈشۈمدىكى نۇر چاچقۇچى
يازمىلار تۈرى:شېئرىيەت ئۇپۇقى چۈشۈمدىكى نۇر چاچقۇچى
سەن مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقاندا
تاملاردىن سىرغىغان سۇ مەن ئىدىم
سۆزلىرىڭنىڭ ئارىسىغا
قىستۇرۇلغان گۈل مەن ئىدىم
تەنلىرىڭنىڭ يارىسىنى
يۇشۇرغان تۈن مەن ئىدىم
مەن ئىدىم ساڭا يېزىلغان تالاي خەتلەردىكى كۆپ چېكىت...
سەن مېنىڭ ھاياتىمنى سۆرەپ
دېڭىزلارغا ئېلىپ كېتىۋاتقان رەڭدار بۇلۇت
مەن بارلىق قايغۇلىرىمنى يامغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا قوشۇپ
سىڭدۈرىمەن قۇمساڭقۇ تۇپراقلارغا
ۋە ئاندىن يىراقلاپ كېتىمەن
سۇسىز ئېرىق بويلىرىدا قۇرۇپ قالغان قىياقلارغا...
سېنىڭ ئوغلۇڭ بار
تىلسىمدەك پەلەمپەيلەردە پەيدا بولۇپ
كارىدۇرلارنى ئىسمىڭدەك يورۇتىدىغان
مېنىڭمۇ ئوغلۇم بار
خىيالدىن باشقا نېمىسى بولمىغان دادىسىنىڭ
سايىسىنى تاملارغا سىزىدىغان...
بىزنىڭ ئوغلىمىز ئۇخلىماقتا باشقا بىر يەردە...
كۈنلىرىمنىڭ مەنىسىزلىكىنى يۇشۇرىمەن
يۈكسەك تاغلارغا
قۇرۇغان سۆڭەكلىرىمنى كۆمىمەن
باغۋەنسىز سۇلۇۋاتقان باغلارغا
چۈشۈمنىڭ تارچۇق يوللىرىدا سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ
دەرىزىلىرىمنى كەڭ ئاچىمەن شاماللارغا
سېنى سۆيەتتىم ئەي نۇر چاچقۇچى
تىلسىز ھايۋاننىڭ غالجىرلىقىدا
شۇ چاغدىكى قىزغۇچ چاچلىرىڭنى
ئايلاندۇرغۇم كېلەتتى شېئىرنىڭ ئارغامچىسىغا
چاپقۇم كېلەتتى ئاتلاردەك
سېنى چېچىپ كۈندۈزنىڭ يورۇق يوللىرىغا
لەۋلىرىڭنىڭ قانىغان ئىزلىرىدىن مېڭىپ
باشلىغۇم كېلەتتى بېھىشنىڭ باغچىلىرىغا
يىللار بىزنى ئاتلاپ ئۆتىدۇ
بىز خۇددى قېرىماس تاشتەك جىم تۇرىمىز يامغۇردا-قاردا...
2010-10-27
收藏到:Del.icio.us










